باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنئەت، تەنتەربىيە تۈرىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن قايتا تەكشۈرۈلىدۇ

2014.09.01 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 29-ئاۋغۇست مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل سەنئەت، تەنتەربىيە كەسپى ياكى سەنئەت، تەنتەربىيەدە ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە تۈر بويىچە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىشتە كەسپىي سىناق جەھەتتىن قايتا تەكشۈرىدىكەن، مەسىلە بايقالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئالمايدىكەن ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا قايتا تەكشۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتىنى سۇنىدىكەن. گۇمانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا، ئوقۇغۇچىلار كەلگەن جايلاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرىدىكەن. ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇش سالاھىيىتى، قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ياكى ئۆزىنى باشقىلارنىڭ نامىدا كۆرسىتىپ مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، تەستىقلانماي قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرىۋالغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىردەك ئېلېكتىرونلۇق رويخەتكە ئالمايدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشكە تىزىمغا ئالدۇرۇش ھالقىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر