باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرلىك رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

2014.09.01 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 28-ئاۋغۇست پىراگادا 2-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يەرلىك رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە چېخ زۇڭتۇڭى زېمان، زۇڭلىسى سوبوتكا بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ گاۋلى زېمان، سوبوتكا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن چېخ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش قىلىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى ھۆرمەتلەپ، ماشىنىسازلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، ئاپتوموبىل، داۋالاش، ساياھەت، قاتناش، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

  زېمان بىلەن سوبوتكا مۇنداق دېدى: چېخ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، چېخ-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  جاڭ گاۋلى 2-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يەرلىك رەھبەرلىرى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى-ئاسىيا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك. جۇڭگو 16 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جاڭ گاۋلى يەنە چېخ ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى خاماچىكنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىسكودا ئاپتوموبىل شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر