باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخىنى ئېلېكتىرونلۇق رويخەتكە ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ

2014.09.01 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 29-ئاۋغۇست «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخىنى ئېلېكتىرونلۇق رويخەتكە ئېلىش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش تارىخى تەربىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق رويخىتى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار يىللىق ئېلېكتىرونلۇق رويخىتى، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋە پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ئېلېكتىرونلۇق رويخىتىگە كىرگۈزۈشنى بەلگىلىدى. بۇ چارە 1-سېنتەبىردىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئالىي مەكتەپلەر تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى بويىچە قايتا تەكشۈرىدۇ، قايتا تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى رويخەتكە ئېلىنىدۇ، قايتا تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەن، مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالغان، مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا بەلگە قويۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشاش بىر ئوقۇش باسقۇچىدا، پەقەت بىرلا ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تەۋەلىكى بويىچە رويخەتكە ئېلىنىدۇ. ئالاھىدە سىياسەت بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش تۈرىگە بەلگە قويۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر