- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ۋاڭ ياڭ 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ
2014.09.01 08:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 29-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى 1-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 1-سېنتەبىردىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموف، قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئوتۇربايىۋ، گىرۇزىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىجىگۇرى قاتارلىق چەتئەل رەھبەرلىرى جۇڭگوغا كېلىپ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر