باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شەندۇڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەمەل سودىسى مەسىلىسىنىڭ بىرقەدەر ئېغىرلىقى كۆرسەتتى

2014.07.11 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن، مەركەزنىڭ 4-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى.

  كۆزىتىش جەريانىدا كادىرلار بىلەن ئاممىمۇ بىرقىسىم مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە، چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى يېتەرسىز، تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈلگەن بەزى دېلولاردا قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى ۋە بەزى دېلولارنى يېنىك بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئۆلكە باشقۇرىدىغان رەسمىي ۋەزىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنى تەپتىش قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس. بەزى رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشلىرىغا قول تىقىش مەسىلىسى گەۋدىلىك؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلار كارخانا خوجايىنلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىدا ھايانكەشلىك قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن؛ بەزى مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش بوش، ساختا مەلۇم قىلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، باشقا جايغا ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىلىرى مەۋجۇت؛ مائارىپ، داۋالاش، مۇھىت ئاسراش، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە «دېلو شايىكىلىرى» كۆپ، مەبلەغ زىچ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن ساھەلەردە چىرىكلىشىش مەسىلىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ؛ «1-قول باشلىق»نىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە. ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلاردا ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا كۆپ جايدا ئۆز-زېمىنغا ئېرىشىش ۋە ئىگىلەش مەسىلىسى مەۋجۇت. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئېقىمغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە؛ بەزى زىددىيەت كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي كەينىگە سۆرەش، بىرتەرەپ قىلىش جانسىز بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت. تەشكىل ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش ۋە كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش جەھەتتە، بەزى جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) تەشكىل ئېڭى سۇس، ئىنتىزامى بوش؛ بەزى جايلاردا ئەمەل سودىسى مەسىلىسى بىرقەدەر ئېغىر، «چاتىقى بارلارنىمۇ ئۆستۈرۈش»، ئەمەل ئۈچۈن قاتراش مەسىلىسى ھېلىھەم مەۋجۇت، بىرقىسىم كادىرلار ئۆسۈش ئۈچۈن «مۇناسىۋەت» ئىزدەشكە بەك بېرىلىپ كەتكەن، «قوللىغۇچى توپلاش» ئەھۋالى ئېغىر؛ ئىشتاتتىن، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك؛ قىسمەن كادىرلاردا ساختا ئارخىپ ياساش مەسىلىسى مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركەزنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا يىپ ئۇچى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر