باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەر-ئايال يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەردە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتى 29 ئۆلكە-ئاپتونوم رايوندا يولغا قويۇلدى

قايتا پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەر-ئايال ئىچىدە %2.5گە يېقىن ئەر-ئايال ئىلتىماس سۇنغان

2014.07.11 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل، 25-نۆۋەتلىك دۇنيا نوپۇس كۈنى. «ياشلارغا مەبلەغ سېلىش» بۇ يىللىق دۇنيا نوپۇس كۈنىنىڭ باش تېمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ باش تېمىسى بولسا، «يېڭىچە تۇغۇت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ، بىرلىكتە ساغلام ۋە بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتايلى». دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەر-ئايال يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەردە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يولغا قويۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە يېڭىچە تۇغۇت توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.

  11 مىليون جۈپتىن ئوشۇق ئەر-ئايال ئىچىدە 271مىڭ 600 جۈپ ئەر-ئايال ئىلتىماس سۇندى

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلام يېتەكچىلىك مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى:

  نۆۋەتتە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشقا، 29 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە ئەر-ئايال يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەردە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جېجياڭ ئۆلكىسى سىياسەتنى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ بالدۇر يولغا قويغان ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. خېنەن سىياسەتنى ئەڭ كېچىكىپ يولغا قويغان ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئەر-ئايال يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەرە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 11 مىليون جۈپتىن ئوشۇق ئەر-ئايال بار بولۇپ، 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، 271 مىڭ 600 جۈپ ئەر-ئايال قايتا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 241 مىڭ 300 جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەر-ئايال يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەردە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بوۋاقلار دولقۇنى كېلىپ چىقمايدىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر