مىسىرغا بېرىپ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن پاناھلانماقچى بولغان پەلەستىنلىك ئامما شۇ يەر ۋاقتى 10-ئىيۇل غەززەدىكى رافا چېگرا ئېغىزى تەكشۈرۈش پونكىتى ئەتراپىغا يىغىلدى . ئىگىلىنىشىچە ، مىسىر تەرەپ پەلەستىنگە قاپسىلىپ قالغان مىسىر ئاممىسى ۋە ھاۋا ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ مىسىرغا كېلىپ پاناھلىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ ، رافا چېگرا ئېغىزىنى ئېچىۋەتكەن .