خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : ئىيۇن ئېيى كىرگەندىن بۇيان كۇچا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 50 تىن ئارتۇق كەسپىي خادىمنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ، لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارغا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتىنىڭ بىخەتەر ، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
سۈرەتتە: 9- ئىيۇل بېھشىباغ يېزىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى دېھقانلارغا بىخەتەرلىك تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتماقتا.
مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى