مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى 1-ئاۋغۇست بىناسىدا گېنېرال پولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوفىتسېرلارغا ئوردىن تارقىتىپ بەردى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلوڭ 30-ئىيۇن مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ئۆتتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىم گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار: مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى چى جيەنگو، شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ۋاڭ جياۋچېڭ، سىياسىي كومىسسارى چۇ يىمىن، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋېي لياڭ.
گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن بۇ 4 ئوفىتسېر قەددىنى تىك تۇتۇپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا چىقتى، شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەمدە ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي تەبرىكلىدى، گېنېرال پولكوۋنىكلىق ئوردىنى تاقىغان بۇ 4ئوفىتسېر شى جىنپىڭ قاتارلىق يولداشلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چاڭ ۋەنچۈەن، فاڭ فېڭخۇي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يوۋشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخېلار ھەربىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مۇراسىم ياڭراق ھەربىي مارش ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى، شۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭ قاتارلىق يولداشلار گېنېرال پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوفىتسېرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.