خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 10-ئىيۇل ئىسرائىلىيەنىڭ سدېروت رايونىدا ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى تاغ باغرىدا تۇرۇپ غەززە رايونىنى يىراقتىن كۆزەتكەچ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنى بومباردىمان قىلىشىنى ۋە پەلەستىن رادىكاللىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە راكېتا بومبا ئېتىشىنى ساقلاپ تۇردى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە سەيشەنبە غەززەگە قارىتا «چېگرا قوغداش» ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بۇيان، غەززەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 72 ئادەم قازا قىلغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى