باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي–شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كۆلنىڭ كۆلىمى 20 يىلدا % 26 كېڭەيدى

2014.07.16 14:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇزاق مۇددەت يىراقتىن كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ۋە يەر يۈزىدىن كۆزىتىشكە قارىغاندا، ئۆتكەن 20 يىلدا چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى يېپىق كۆللەرنىڭ كۆلىمى 25 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىردىن 32 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېترغا يېتىپ، %26 كۆپەيگەن.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: 20 – ئەسىرنىڭ 80 –، 90 – يىللىرىدىن ئىلگىرى چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كۆللەر ئومۇميۈزلۈك تارىيىش ھالىتىدە ئىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 –، 90 – يىللىرىدىن كېيىن كۆل كۆلىمى كېڭىيىشكە باشلىدى، بىر قىسىم كۆللەر مەسىلەن، سېلىنسو كۆلى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، يېقىنقى ئون يىلدا سۇ ئورنى ھەر يىلى 0.67 مېتىر ئۆرلىدى، كۆل كۆلىمى يىلىغا 54 كىۋادرات كىلومېتىر كېڭەيدى.

  جاڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كۆللەرنىڭ كېڭىيىشىدە ئادەتتە مۇزلۇقلارنىڭ تېزدىن ئېرىشى ۋە ھۆل – يېغىننىڭ كۆپىيىشى سەۋەب بولغان. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى مۇزلۇقلار يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ %15 ئازلاپ كەتتى، يىلدا ئېرىيدىغان مۇز مىقدارى ئەسلىدىكى 61 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن 79 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. بۇ، ئېگىزلىك رايونىدىكى يەر ئۈستى سۈيىنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە مۇز ئېرىش ئارقىلىق سۇ تولۇقلىنىشنى ئاساس قىلىدىغان دەريالار ۋە كۆللەرگە زور تەسىر كۆرسەتتى.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كۆللەرنىڭ كېڭىيىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر