باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ھالاكەت دېڭىزى» قانداق قىلىپ «بايلىق مەنبەسى»گە ئايلاندى

2014.07.17 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: نۇرغۇن دېھقانلار بىرىكمە ئوغۇت سېتىۋالغاندا، بىرىكمە ئوغۇتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان كالىي سولفاتنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدىكى «ھالاكەت دېڭىزى»، «ئادىمىزاتسىز ماكان» شىنجاڭ لوپنۇردىن كەلگەنلىكىنى، بۇ يەرنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالىي سولفات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك.

  مۇخبىر شىنجاڭنىڭ قومۇل ۋىلايىتىدىن باشلانغان كەڭلىكى 7 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان قومۇل-لوپنۇر تاشيولىنى بويلاپ جەنۇبقا 400 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» لوپنۇرغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يازدا يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇراسى 60 سىلتسىيە گىرادۇسقا يەتسە، قىشتا نۆلدىن تۆۋەن 30 سىلتسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، قۇم بوران ئۈزۈلمەيدۇ، نەچچە يۈز كىلومېتىر دائىرە پايانىغا كۆز يەتمەس قۇملۇق ۋە شورتاڭلىق بولۇپ، گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ.

  ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، مانا مۇشۇ گىياھ ئۈنمەس زېمىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالىي سولفات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ‐‐ دۆلەت ئېچىش-مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ لوپنۇر كالىي تۇزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ كالىيلىق ئوغۇت بىلەن ئۆز-ئۆزىنى ئېغىر دەرىجىدە قامدىيالماسلىق قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ «ھالاكەت دېڭىزى» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا تۈمەن يىللار كۆمۈلۈپ ياتقان كالىي تۇزى «بايلىق مەنبەسى»گە ئايلاندى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر