باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەر بىر ئورۇن ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش ئاپتوموبىل ساقلاپ قالسا بولىدۇ

2014.07.18 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 16-چېسلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى. مۇخبىر مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەھۋالى، ئاپتوموبىللارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى بېكىتىش، ھەيدىگۈچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ھەققىدە دۆلەت ئورگانلىرى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.دۆلەت ئورگانلىرى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسى»گە ئاساسلانغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا تەۋە ھەر بىر ئىدارە ئىشتات سانى ۋە خىزمەت خاراكتېرىگە ئاساسەن بەشتىن ئاز ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ. نۆۋەتتە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىسلاھاتقا چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى 5000 غا يېقىنلىشىدۇ.

جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر