باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.21 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۆنۈگۈن بويىنس ئايرىستا ئارگېنتىنانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بۇدۇ ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى دومگس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ھەمكارلىقى تىنچ ۋە تەرەققىي قىلىش دەۋر مېلودىيەسىگە ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىغە نەپ يەتكۈزدى. تۆنۈگۈن مەن زۇڭتۇڭ كېرىستىنا بىلەن مول ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈشنى قارار قىلدۇق، ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. نۆۋەتتە جۇڭگو ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ قارىشى تەرەپنى مۇھىم تەرەققىيات شېرىكى ۋە تەرەققىيات پۈرسىتى دەپ قاراپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بۇدۇ بىلەن دومگس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى، زىيارەت چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بولدى. ئارگېنتىنا جۇڭگو ئارزۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىىشغا پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىشكە، تېخىمۇ ئادىل مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئارگېنتىنا پارلامېنتى ۋە ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلار جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا مۇناسۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قولايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارگېنتىنا پارلامېنتى جەمئىيەتتىكى خەلق رايىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سىلەر جۇڭگو ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، بىزنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتىڭلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى ئارگېنتىنا پارلامېنتى بىلەن ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇدۇ ۋە دومگس شى جىنپىڭغا «ئارگېنتىنا پارلامېنتىنىڭ پەخرى ئەزىز مېھمىنى» دېگەن نامنى بەردى. شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىغە بولغان دوستلۇق ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئارگېنتىنا پارلامېنتى يېقىندا پارلامېنتىنىڭ پەخرى ئەزىز مېھمىنى دېگەن نامنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنى شى جىنپىڭغا بېرىشنى مەخسۇس قارار قىلغان ئىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ساينت مارتىن خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى، گېنىرال ساينت مارتىن ئىلگىرى ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشۇپ، ئارگېنتىنا خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغ ئازات قىلغۇچى دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر