باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك

2014.07.21 09:41         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەن يۇڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭلىقلارنى يوقلىدى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ 13 – ئىيۇلدىن 16 – ئىيۇلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە شىنجاڭلىقلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ئىگىلىشىمچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭلىقلار ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭلىقلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەن.

  خەن يۇڭ تۆت كۈندە گۇاڭجۇ، شېنجېن، دۇڭگۇەندە مەھەللە، مەكتەپ، زاۋۇتلارغا بېرىپ، گۇاڭدۇڭدا ئىشلەۋاتقان شىنجاڭلىقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكا سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.

  گۇاڭجۇ شەھىرى ‹‹بەييۈن›› رايونى ‹‹شىجىڭ›› كوچىسى گۇاڭجۇدىكى چوڭ كىيىم – كېچەك توپ سېتىش بازىرى، يۈك تىرانسپورت بازىرى جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، كۆچمە نوپۇس ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئامما بۇ يەردە تىجارەت، ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ جايغا تېخىمۇ ياخشى ئۆزلىشىپ خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 25 – ئىيۇن ‹‹شىجىڭ›› كوچىسىدا شەھەر بويىچە تۇنجى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش باشقۇرۇش خىزمەت پونكىتى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمەت پونكىتى قۇردى ھەم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدىن تەشكىللەنگەن مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى. ‹‹ئىككى پونكىت، بىر ئەترەت›› قۇرۇلغاندىن كېيىن، زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  خەن يۇڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، كوچا باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  دۇڭگۇەن شەھەرلىك توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك مەكتىپىدە، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 151 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. خەن يۇڭ ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقى، دۇڭگۇەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىيىم – كېچەك لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى مەمنۇن بولدى. ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، مىننەتدار بولۇپ، تىرىشىپ ماھارەت ئۆگىنىپ، ۋەتەن ۋە يۇرتىغا ياخشىلىق قايتۇرۇشىغا مەدەت بەردى.

  خەن يۇڭ گۇاڭدۇڭدىكى مەزگىلدە، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شېنجېن شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تەسىس قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى، قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2000 – يىلىدىكى 120دىن ھازىرقى 326گە كۆپەيدى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1200دىن ئاشتى. شېنجېن شەھەرلىك ‹‹سۇڭگاڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ‹‹پىڭشەن›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تەسىس قىلىش ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان مەكتەپلەر، خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا مېھىر – مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى. خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ‹‹مېھىر – مۇھەببەت، قاتتىق، ئەستايىدىل بولۇش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك قۇرغۇچى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، چېڭ جېنشەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن لىن شاۋچۈن، لى چۈنشېڭلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر