باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

لۇشەننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى بىر يىللىق قايتا قۇرۇش نىشان ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى

2014.07.21 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۆيىمىز بار بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىزدا يېڭى ئۈمىد پەيدا بولدى»، سىچۇەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى باۋشىڭ ناھىيەسى داشى يېزىسى يەنشىكوۋ كەنتى ئاپەتتىن كېيىن يېڭىدىن قايتا قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىسى ۋاڭ چاۋجۈن 4-ئايدىلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  تۇرالغۇ ئۆي يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئېھتىياجى. يائەن شەھىرىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيەلەر قېيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئۆي سېلىپ بېرىشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتتى، ھۆكۈمەتنىڭ «ئادەققىچە» يار-يۆلەك بولۇشى ئارقىلىق، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 625 ئائىلە كىشىسى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، قىيىنچىلىقى بار 4482 ئامما ھۆكۈمەتنىڭ «بىرگە بىر» ياردەم بېرىشىگە ئېرىشىپ، يەر تەۋرەشنىڭ بىر يىللىق پەيتىدە ئارقا-ئارقىدىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، لۇشەندىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان 21 ناھىيە (شەھەر، رايون) قايتا سېلىشقا تېگىشلىك دېھقانلار ئۆيىدىن 67 مىڭ 959نى پۈتكۈزدى، بۇ قايتا قۇرۇش پىلانىنىڭ %71.64نى ئىگىلەيدۇ. شەھەر-بازار تۇرالغۇلىرىنى قايتا قۇرۇش بويىچە 350 مىڭ 33 يۈرۈش ئۆيدە قۇرۇلۇش باشلىدى، بۇ ئىش باشلانغان ۋەزىپىنىڭ %100نى ئىگىلەيدۇ؛ 3532 يۈرۈش ئۆي پۈتتى، بۇ قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ %10نى ئىگىلەيدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر