باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيغۇر فوتوگراف ئەركىن تاشتۆمۈر فوتو سۆرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.07.21 11:17   مەنبە: خەلق تورى

ئۇيغۇر فوتوگراف ئەركىن تاشتۆمۈر فوتو سۆرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇيغۇر فوتوگراف ئەركىن تاشتۆمۈر فوتو سۆرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭ فوتوگرافىيە سەنئىتى كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. فوتوگراف ئەركىن تاشتۆمۈر 1967-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، سوتچىلىقتىن پېنسىيەگە چىققان، ھازىر جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 1987-يىلى فوتوگرافىيە ئىجادىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، 30 يىلغا يېقىن فوتو سۆرەتچىلىك ھاياتىدا، ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك گېزىت ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، ھەم كۆپ قېتىم فوتو سۆرەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ فوتو سۆرەت ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت فوتوگرافى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن-ئاخىر ‹شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى فوتو سۆرەت ئىجادىيەت تېمىسى قىلىپ كەلدىم›، قارا قۇرۇم تاغلىرى، تەڭرىتېغى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، كۆپلىگەن مەنزىرە، ئۆرپ-ئادەت، ھېكايە قاتارلىق فوتو سۆرەت ئەسەرلىرىنى تارتتىم»، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈنچى ھەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېيجىڭدا فوتو سۆرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 16-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ