- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىككى مىنىستىرلىك-كومىتېت: ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا دەللاللىق قاتارلىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى قويۇۋېتىپ، باھانى بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى يولغا قويۇش كېرەك
2014.07.21 09:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى يېقىندا «ئۆي-مۈلۈك ھەقلىق مەسلىھەتچىلىكىنى قويۇۋېتىش ۋە ھەقلىق ئۆي-مۈلۈك دەللاللىقىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش» تا ئۆي-مۈلۈك ھەقلىق مەسلىھەتچىلىكىنى قويۇۋېتىش ۋە ھەقلىق ئۆي-مۈلۈك دەللاللىقىنى باشقۇرۇش تەلەپ قىلىندى. «ئۇقتۇرۇش» تا ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى دەللاللىق مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاۋالە قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئۆي-مۈلۈككە دائىر سىياسەت، قانۇن-نىزام، تېخنىكا ۋە ئالاقىدار ئۇچۇر قاتارلىق مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەتلىرىدىن ھەق ئالىدىغانلىقى، باھا بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدىغانلىقى، ئۆي-مۈلۈك دەللاللىق مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە ھەق ئېلىشىغا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ۋە بۇ بەلگىلىمىنىڭ 2014-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر