- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى نەق مەيداندىن يۆتكەلدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئوبيېكتىپ، ئادىل تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.07.21 14:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى داۋاملاشماقتا، بىرىنچى تۈركۈمدىكى قازا قىلغانلار جەسىتى 19-چېسلا نەق مەيداندىن يۆتكەپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ۋەقە ئۈستىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 19-چېسلا ۋەقە نەق مەيدانىدا، بىرىنچى تۈركۈمدىكى تەخمىنەن 38 جەسەتنىڭ نەق مەيداندىن يۆتكەپ چىقىلغانلىقىنى كۆردى. بۇ جەھەتلەر دۇنىچىك شەھىرىگە يۆتكىلىدىكەن، كېيىنچە باشقا شەھەرلەردىن ياردەم سورايدىكەن.
نۆۋەتتە، يەرلىكتە 50 تەك قانۇن دوختۇرلۇقى مۇتەخەسسىسى نەق مەيداندا خىزمەت قىلىۋاتىۇد. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 19-چېسلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يەرلىكتىكى ئاھالە، قۇتقۇزغۇچىلار ۋە دوختۇرلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر