- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 تىپلىق ئايروپىلانىدىكى 298 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى
2014.07.21 09:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ بوۋاقمۇ بار
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ كەتكەندىن كېيىن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتىلىشىچە ، ئايروپىلانغا 298 يولۇچى ئولتۇرغان بولۇپ ، ئۇنىڭ 157سى گوللاندىيەلىك ئىكەن . يولۇچىلار ئىچىدە يەنە ئۈچ بوۋاق بار ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 تىپلىق ئايروپىلانىغا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان . مالايشىيا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، MH17 تىپلىق ئايروپىلان ئامىستېردام ۋاقتى چۈش سائەت 12:15 دە ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئەسلىدە كۇئالا لۇمپۇر ۋاقتى 18-ئىيۇل سائەت 6:10 دا نىشانغا قونماقچى بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر