باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

MH17 ئايروپىلان ۋەقەسىدىكى توققۇز چىگىش مەسىلە

2014.07.21 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-ئىيۇل مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئامىستېردامدىن كۇئالالۇمپۇرغا قاراپ ئۇچقان MH17يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا چۈشۈپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى 298 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. نۆۋەتتە بۇ ۋەقەنى چۆرىدەپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يېشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئايروپىلان نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتتى؟ كىم ئايروپىلانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى؟ مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى نېمە ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدۇ؟ ئائىلە تاۋاپىئاتلارغا كىم تۆلەم بېرىدۇ؟ ھەرقايسى تەرەپلەر بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشىپ بىردىنلا بۇ ۋەقە قاتمۇ-قات سىرلىق تۇمان ئىچىدە قالدى.

  1. چۈشۈپ كېتىشتىكى سەۋەب نېمە؟

  مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 17-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دونېتسك ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلىنىپ كەتتى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئايروپىلان 10 مىڭ مېتىرلىق ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقان ئىكەن.

  شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن كونكرېت ئورۇننىڭ گېلابوۋا ناملىق بىر كىچىك كەنت ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ كەنتنىڭ ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ يېقىندىن بويان ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن خەلق قوراللىق كۈچلىرى كەسكىن توقۇنۇشۇۋاتقان جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ دەرھال «ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلىغان»لىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىنلا «ئايروپىلاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېگىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى راست»لىقىنى ھەمدە MH17نىڭ «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېگىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 18-ئىيۇل مالايسىيا قاتناش مىنىستىرى لىئوۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى «دەلىللىگەن»لېكىنى ، مالايسىيا تەرەپنىڭ بۇ خىل قىلمىشنى «قاتتىق ئەيىبلەيدۇ »غانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى جامائەت پىكىرلىرىدە ئايروپىلاندىكى «تېررورچى ئۇنسۇر»لاردا پارتلاتقۇچ بومبا بار بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلدى لېكىن بۇ خىل قاراش دەلىللەنمىدى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بولسا MH17چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ «ئەگىشىپ ئۇچقان»لىقى ئېيتىلدى، ھەتتا بەزىلەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ راستتىنلا ئېتىپ چۈشۈرمەكچى بولغىنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن قايتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى دەپ پەرەز قىلىشتى. لېكىن رۇسىيەنىڭ بەزى تاراتقۇلىرى ئايرودرومنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ پۇتىننىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  2. ئەگەر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بولسا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كىم ئاتتى؟

  ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن كۈنى كەچتە ئۇكرائىنا قولغا چۈشۈرگەن بىر بۆلەك ئۈن خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى، ئۈن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ئىككى نەپەر رۇسىيەلىك ھەربىي ئىشلار ئاخبارات خادىمى MH17نىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈن خاتىرىسىدە نەچچە ئەر بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئالاقزادە بولۇپ «قاتتىق ئاچچىقلانغان.» لېكىن بۇ ئۈن خاتىرىسىنىڭ راستلىقىنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تېررورچى ئۇنسۇرلار» يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيەمۇ بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ باياناتچىسى پېسكوف ئىنكاس قايتۇرۇپ رۇسىيەنى MH17نى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە قاتناشتى دەپ ئەيىبلەشلەرگە ئائىت قاراشلارنىڭ «نادانلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . پۇتىن بولسا كىيېۋنىڭ بۇ پاجىئەگە مەسئۇل بولىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ «ئەگەر بۇ زېمىندا يەنىلا بۇرۇنقىدە تىنچلىق بولغان بولسا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ئۇرۇش ھەرىكىتى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن بولسا پاجىئە يۈز بەرمىگەن بولاتتى» دېدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە خەلق قوراللىقلىرىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئېتىش مۇساپىسىنىڭ پەقەت 4000 مېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى، يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكىدىن كۆپ تۆۋەنلىكىنى ئېيتتى.

  گەرچە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلق قوراللىقلىرى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگىدەك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىردەك ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى تاراتقۇلار ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەممىسىدە بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيدىغان «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتتى.

  3. قانداق قورال ئون مىڭ مېتىر ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟

  كۆپ قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى MH17ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ۋاقىتتىكى ئۇچۇش ئېگىزلىكىگە يېتەلمەيدۇ. نۆۋەتتە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ چوڭ «گۇمانلىق قاتىل» بولسا «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا. «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 3-ئەۋلاد ھاۋا موداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ، ئاساسلىقى 30 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى قىرغۇچى ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ھەر خىل ھاۋادىكى نىشانلارنى ۋەيران قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، 25 كىلومېتىر دائىرىدە ئىچىدىكى يەر يۈزىدىكى نىشانلار مەسىلەن: ئايرودروم ، يەر يۈزىدىن قويۇپ بېرىش ئەسلىھەسى ۋە قوماندانلىق ئورنى قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ.

  رۇسىيە ئارمىيەسى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەر ئىككىسىدە «بۇك دەرىخى» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بار. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئېيتىشىچە ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپ ئىلگىرى دونېتسك رايونىغا «بۇك دەرىخى» ھاۋا موداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى باتالىيونىنى يۆتكىگەن. ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىنىڭ «بۇك دەرىخى» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بار-يوقلىقى ئېنىق ئەمەس. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە خەلق قوراللىقلىرى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ «بۇك دەرىخى» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن ئۇكرائىنا تەپتىش ئەمەلدارى خەلق قوراللىقلىرىدا بۇ خىل قورالنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

  4. ئامېرىكا قانداق ئىسپاتقا ئاساسەن ئايروپىلان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن دەيدۇ؟

  ئامېرىكا تەرەپ رادار سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CNN)نىڭ خەۋىرىدە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى رادار سىستېمىسى مەزكۇر رايوندىكى بىر يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى ھەمدە بىر ئايروپىلاننىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر رادار سىستېمىسىنىڭ ئايروپىلانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگكەن ۋاقىتتىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى كۈزىتىپ ئۆلچىگەنلىكىنى ئېيتقان . يەنە بىر تەرەپتىن ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىمۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر بىر ئايروپىلان ھاۋادا پاچاقلىنىپ كەتسە ئۇنداقتا ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ تارقىلىشىمۇ بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋادا پاچاقلىنىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگكەندىن كېيىن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ، ئەگەر ئايروپىلان مېخانىك كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولسا ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىرقەدەر مەركەزلىك بولىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئوربىتىسىنى ئانالىز قىلىپ قويۇپ بېرىلگەن ئورۇننىڭ زادى قەيەر ئىكەنلىكىنى ئىگىلىمەكچى بولىۋاتىدۇ.

  5. قارا قۇتىنى كىم ساقلايدۇ ۋە ئانالىز قىلىدۇ؟

  قارا قۇرا ھاۋا ئاۋارىيەسىنىڭ سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا قارا قۇتىنى كىم ئالسا تەكشۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ ئىككى قارا قۇتىسى تېپىلدى. ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى قارا قۇتىنىڭ بىرسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە موسكۋاغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى . مالايسىيا تەرەپ بولسا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قارا قۇتىنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بايانات ئېلان قىلىپ بارلىق ئىسپاتلارنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندىكى بارلىق يوشۇرۇن ئىسپات ۋە جەسەتلەرنىڭ «دەخلىگە ئۇچرىماسلىقى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش پىكىردىكىلەر مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى مالايسىيانىڭ شىركىتى شۇڭا قارا قۇتىنى تەكشۈرۈشنى مالايسىيا ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ قارىدى.

  6. خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قانداق تەشكىللىنىدۇ؟

  بۇ قېتىمقى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا كۆپلىگەن تەرەپلەر تېزدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ئۇكرائىنادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمدە ئاشكارا بولغان خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن خەلق قوراللىقلىرى شەرقىي قىسىم رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو خەلقئارا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداننى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقان ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىمۇ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشىنى توسمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئاقساراي تەرەپ شۇ يەر ۋاقتى 17-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ تېزدىن «مۇكەممەل، ئىشەنچىلىك، دەخلىگە ئۇچرىمىغان خەلقئارا تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا مۇراجىئەت قىلدى، رۇسىيەمۇ تەكشۈرۈشنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ھەرقايسى دۆلەتلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدا بىردەك پىكىرگە كەلدى.

  7. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى جىددىي ۋاقىتتا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىدۇ؟

  بۇ قېتىمقى ھاۋا ئاۋارىيەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىككى ھەربىي ئايروپىلانى يېقىن ئەتراپتىكى رايوندا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۇچۇش خەتىرى ئاگاھلاندۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ يىل ئاپرېلدا خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى ھەرقايسى چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە ئۇكرائىنا شەرقىي قىسىم ھاۋا بوشلۇقىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرىغا قارىتا ئېغىر خېيىم-خەتىرى بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن. بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە MH17نىڭ بۇ قېتىم ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۇرۇش بولىۋاتقان رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈشى يولنى قىسقارتىپ يېقىلغۇنى تېجەش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇچقۇچى ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرىسىدىكى كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشقا سەل قارىغاندەك قىلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن چەتنەپ ئۇچۇشىنى «كۈچلۈك تەلەپ قىلغان.» لېكىن ئۇچۇش مۇساپىسى قىسقا، سەرپ بولىدىغان يېقىلغۇ تېخىمۇ ئاز، تەننەرخ تۆۋەن بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى يەنىلا مۇشۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئىشلەتكەن. مالايسىيا قاتناش مىنىستىرى لىئوۋ 18-ئىيۇل MH17ۋەقەسى توغرىسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى MH17ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ «بىخەتەر» ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى، مالايسىيا تەرەپنىڭ MH17ئايروپىلانىنىڭ ۋەقەگە يولۇققان ۋاقىتتا توغرا بولغان يۆنىلىش ۋە ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىدە كېتىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە تەكىتلەپ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بويان مۇشۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جەمئىي 15 ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىمۇ مۇشۇ لىنىيەنى تاللاپ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  8. ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن كېلىشمەسلىكلەردىن كېيىن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟

  2014-يىلىدىن بويان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئاۋىئاتسىيە ۋەقەسى پاجىئەسى يۈز بەردى: 8-مارت مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH370يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى، 17-ئىيۇل MH17يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتتى. ئاۋىئاتسىيە تەھلىلچى زاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن ئېغىر ئاۋىئاتسىيە ۋەقەسىنىڭ زەربىسىدە ئەسلىدىلا تىجارەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى «ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان» ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. MH370يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىلا مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى ئېغىر مالىيە قىيىنچىلىقىغا پېتىپ قېلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇدا ئۈچ يىلدا قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن. MH370يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ پاي چېكى 18-ئىيۇل %11 چۈشۈپ كەتكەن. ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئاۋىئاتسىيە ۋەقەسى يولۇچىلارنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىگە بولغان ئىشەنچىنى يەرگە ئۇردى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 18-ئىيۇل يېڭىدىن سەپلەنگەن MH17ئۇچۇشقا تەييارلانغان لېكىن ھازىرغىچە ئاران 30 دىن كۆپرەك ئادەم رەسمىيەت ئۆتىگەن.

  9. يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ قېتىمقى مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى جىددىي ۋەزىيەت ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملاشقان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن خەلق قوراللىقلىرىنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتىگە مۆلچەرلەش تەس بولغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىمۇ سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى، خەلق قوراللىقلىرى، رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرى يەنىلا ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بولۇپ بېسىمنى رەقىبىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويۇش غەرىزىدە بولۇۋېتىپتۇ، شۇڭا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە سۈركۈلۈشنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ پاي چېكى بازىرى تۆۋەنلەپ، ھۆكۈمەت زايومى ، ئالتۇن قاتارلىق خەتىرى تۆۋەن مۈلۈكنىڭ باھاسى ئۆرلەپ بازارنىڭ بۇ ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان زەنجىرسىمان ئىنكاسقا بولغان ئەمدىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر