- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جاڭ گاۋلى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2014.07.21 09:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 17-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي پىلانلاش، مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى باسقۇچتا فۇجيەننىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جاڭ گاۋلى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنللەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فۇجيەن ئۆلكسى فونكىسىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭيتىشى؛ پورت، تۆمۈر يول قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تېز سۈرئەتلىك ترانسىپورت يولىنى بەرپا قىلىشى؛ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى؛ كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزملىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر