خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن 132 نەپەر تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەب ئوقۇغۇچىسى (ئۇلارنى باشلاپ كەلگەن مۇئەللىملەرمۇ بار) دىن تەشكىللەنگەن 2014-يىللىق «تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ ــــ قىزىل رىشتە» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۆمىكى بېيجىڭدا 5 كۈنلۈك رىشتە ساياھىتىنى باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قىزىل بازىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەبىئەت بىلەن پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتتىن بەھرلىنىش، ساپا نامايان قىلىش ۋە مىللەتلەر رىشتىسى پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى