- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ: سۇ باشلاپ باستۇرۇپ سۇغۇرماي، پۈركۈپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش كېرەك
2014.07.21 13:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2014-يىللىق «يېرىم يىللىق دوكلاتى» ئېلان قىلىنغان بۇ ھەپتىدە، لى كېچياڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم يىغىن ئاچتى ھەمدە جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشكە يېڭى كۆرسەتمە بەردى: سۇ باشلاپ باستۇرۇپ سۇغۇرماي، پۈركۈپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش كېرەك.ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنغان 16-چېسلا كەچتە، زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بەلگىلەنگەن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى «ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش شەرتلىكى»نى تەكىتلىدى.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى، لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت ھەققىدە، ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرىدىن كەلگەن لى داۋسەي، سۇڭ گوچىڭ، جاۋ جىنپىڭ، ليۇ شېڭجۈن، سەي چياڭ، ليۇ يىڭچيۇ قاتارلىق مۇتەخەسسىس-ئالىملارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر