باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيەت قورۇقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2014.07.21 13:46   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيەت قورۇقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 19-ئىيۇل، ئارگېنتىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى قىلىۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇمھۇرىيەت قورۇقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئارگېنتىنانىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئارگېنتىنا دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ئىگىلىدى.

  دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى مونىتا ئائىلىسى شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى. مونىتا شى جىنپىڭغا قورۇقتا تۈمەنگە يېقىن چارۋا بېقىلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن نەسىللىك ئات ۋە گۆش كالىسى سورتلىرىنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە چارۋا بېقىش-كۆپەيتىش ئەھۋالى ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئارگېنتىنا دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق چوڭ دۆلىتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ۋە پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى. جۇڭگومۇ يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى. جۇڭگو تەرەققىي قىلىشتا، ئالدى بىلەن بىر مىليارد 300 مىليون ئاھالىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى لازىم. جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۆلەت ئىچىنى مەۋقە قىلىپ، ئاشلىق بىلەن ئۆز-ئۆزىنى قامداشقا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا بازاردىن پائال پايدىلىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا قاتنىشىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تەڭشەيدۇ. جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…