باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لىيۇ يۈنشەن چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.07.21 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىيى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئاساسىي قاتلاملاردا چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، مەسىلىنى توغرا يۆنىلىشكە باشلاشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا تونۇپ ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، دەرھال ئىجرا قىلىپ دەرھال ئۆزگەرتىپ، پائالىيەتتە خەلق رازى بولىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 17-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە، ليۇ يۈنشەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيدۇڭ شەھىرى، شىنىڭ شەھىرىنىڭ يېزىلىرى، مەھەللىلەر، كارخانىلار ۋە كۆزنەك ئورۇنلارغا بېرىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، چىڭخەينىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈملىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، چىڭخەينىڭ ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە ئۆزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر