باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2014.07.21 09:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ 2 – قۇرۇلتىيى 17 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئېچىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، چېگرا مۇداپىئە قىسىمىدىن تەشەببۇسكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ج ك پ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى سەككىز يىلدا، باش ئەترەت ئىزچىل شىنجاڭ چېگراسىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، چېگرانى قوغداش››ۋە ‹‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شىنجاڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، سىياسىيدا قەتئىي، ھالقىلىق پەيتتە ئۇرۇش قىلالايدىغان، قاتتىق ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان قۇدرەتلىك قوشۇن، شۇنداقلا قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ھەم تايىنىدىغان مەدەنىي قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جاڭ چۈنشيەن مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج خ چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بارلىق چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئالاھىدە تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىدىيەدە باشتىن – ئاخىر ئالاھىدە سەگەك بولۇش، سىياسىيدا ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، تەييارلىقنى ئالاھىدە تولۇق قىلىش، خىزمەتنى ئالاھىدە پۇختا ئىشلەش، ئىنكاسى ئالاھىدە تېز بولۇش، دەرھال ئاتلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش روھىنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتىئىي يەرگە ئۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ مۇستەھكەملىكى، مىلللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئاڭلىق بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتا فۇنكسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش جېڭىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەرەققىياتقا خىزمەت قىلىشتا رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چېگرا باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىغا ئىمكانقەدەر قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تولۇق ئىشىنىدىغان ۋە تايىنىدىغان نەمۇنىلىك قىسىمنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ‹‹ئۆلچەم تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش، ئالدىدا مېڭىش›› تەلىپىگە ئاساسەن، چېگرا مۇداپىئە كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلدا دۇرۇس، ئىنتىزامى قاتتىق، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان ج خ چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، ھۆكۈمەتلەر ج خ چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى قاتارلىق جەھەتتىن قوللايدۇ ھەم كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ج خ مىنىستىرلىقى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ شۇكۇي، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، جۇ چاڭجيې يىغىنغا قاتناشتى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى جاڭ گېنخېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم باش ئەترەت 1 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر