باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

تەيفېڭ بورىنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، خەينەن يەنىلا جىددىي ھالەتنى ساقلىماقتا

2014.07.21 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «رامماسۇن» 18-چېسلا خەينەندە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، شۇ جاينى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. خەينەن ئۆلكىلىك «ئۈچتىن مۇداپىيەلىنىش» ئىشخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 216 يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى)دىكى 3 مىليون 258 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 10 مىليارد 828 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 20-چېسلاغىچە، پۈتۈن خەينەن ئۆلكىسىدە ئاپەت سەۋەبىدىن داۋالانغانلار 4396 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، 73 ئادەم ئېغىر يارىلانغان.

  20-چسلا كەچتە خەيكوۋ ئاساسىي شەھەر رايونىنىڭ توكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، يېرىمدىن ئوشۇق ئاساسىي تېلېگراف پونكېتلىرى مۇلازىمەتتىن توختاپ، يوللارنى جىددىي رېمونت قىلىش توسالغۇغا ئۇچرىغان، خەيكوۋ، ۋېنچاڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى غول يوللارنىڭ راۋانلىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، قىسمەن ئاھالىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش يەنىلا تەسىرگە ئۇچرىماقتا. 19-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاپەتكە ئۇچرىغان شەھەر-ناھىيەلەرگە 100 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى تارقاتتى. خەيكوۋ شەھىرى مالىيەدىن 100 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ-توك بىلەن تەمىنلەشكە ئوخشاش تەخىرسىز ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈرلىرىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى. خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى چېدىر قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرىنى ئاپەت رايونىغا جىددىي توشۇدى ۋە تارقاتتى.

  خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنزىسى خادىملىرى 6 خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، خەيكوۋ، ۋېنچاڭ، دېڭمەي قاتارلىق ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان 7 ناھىيەگە بېرىپ، بورانغا تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 20-ئىيۇل، ئۆلكە باشلىقى جياڭ دىڭجى ئالقىدار تارماقلاردىن سۇ، توك، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كارخانا ۋە ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئېمكانىيەتنىڭ بېرىچە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر