دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى گەرچە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، كىشىلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە دېققىتى سۇسلاشمىغان . يېقىندا ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى 39 ياشقا كىرگەن داۋېد بېكخامنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنى نەق مەيداندا كۆرگەن سۈرىتىنى ئاشكارلىغان . ئۈچ كىچىك توپ مەستانىسى دادىسى بىكخام ۋە مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەر بىلەن بىللە گېرمانىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، شۇ كۈنى توپ شاھى بېلى بىلەن كاكامۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بارغان ، ھەمدە بېكخام ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ ، خاتىرە قالدۇرغان .