باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىرازىلىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىدى(1)

2014.07.18 08:29   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ بىرازىلىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىدى(1)

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيە پارلامېنتىدا ‹‹ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقايلى!›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى

  شىنخۇا تورى ، بىرازىلىيە ، 16-ئىيۇل تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيە پارلامېنتىدا ‹‹ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئەۋج ئالدۇرۇپ ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقايلى! ›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى . ئۇ نۇتۇقىدا جۇڭگو-بىرازىلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ماختىدى ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى بايان قىلدى ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك ، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن جۇڭگو-بىرازىلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ سەھنىدە ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى .

  شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:15 تە ، شى جىنپىڭ بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كالخېيروس ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئالۋىسلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى ، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش-سادالىرى ياڭرىدى . نەق مەيداندا جۇڭگو-بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇندالدى . قىزغىن ئالقىش-سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلىدى .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەتىللىك ھەقسىز كۇرس ئاچتى(1)