باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باغراش ناھىيەسىدىكى كەنىتتە تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئامما بىلەن چىڭ ئۇيۇشتى

2014.07.18 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابلىز خەۋىرى : كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئەزالارنى تەشكىللەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئىجادكارلىق روھى بىلەن بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇدى. 21-خىزمەت گۇرۇپپىسى گۇرۇپپا ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، كەنت كومىتېتىنىڭ ئازغىنە بوز يېرىنى ئېچىپ، يەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ، كىچىك يېسىۋىلەك، تۇرۇپ، تەرخەمەك، شوخلا، مۇچ قاتارلىق پەسىللىك كۆكتاتلارنى تېرىپ، ئۆزلىرى يېشىل كۆكتات ئىشلىتىپلا قالماي يەنە دېھقانلارغىمۇ ياخشى ئۈلگە بولدى. 24-خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت كومىتېتىدا غاز، توخۇ بېقىپ، ئۆز تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، تېجەشلىك بۇلۇشتەك ئىستىلنى جارىي قىلدۇرۇدى.

  باغراش ناھىيەلىك 21-خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ پىڭ مۇنداق دىدى: ئەتتىگەنلىك-كەچلىك ئارام ۋاقىتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ بۇ يەرنى تېرىغىنىمىزدا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز موللىشىپلا قالماي، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك رولى بولدى.

  باغراش ناھىيەسىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ كادىرلىرى ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ئامما بىلەن بولغان بوشلۇقنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى.

مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر