شىنخۇا تورىنىڭ 17–ئىيۇل ئېروسالىمدىن بەرگەن خەۋىرى : ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 17–ئىيۇل كەچتە ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئىسرائىلىيە قوشۇنى غەززەگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ، ‹‹ تىغ قوغداش ھەرىكىتى ›› نىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكى ئېيتىلغان . ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە ، پەلەستىن ئىسلام قارشلىق ھەرىكىتى (خاماس) ئىسرائىلىيەگە 10 كۈن ھۇجۇم قوزغىغان ، شۇنداقلا جىددىي ۋەزىيەتنى تەدرىجىي پەسەيتىشنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان ، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يائارون 17– ئىيۇل كەچتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى غەززەگە يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان .
ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ : ئىسرائىلىيە مىسىرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىكرىگە قوشۇلدى ، لېكىن خاماس رەت قىلدى ، شۇنداقلا 17–ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئادىمىيلىك يۈزىسىدىن ئۇرۇش توختاتقاندا ، خاماس يەنىلا ئىسرائىلىيەگە راكىتا بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن بىخەتەرلىك ئىچكى كابېنتى غەززەگە يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىشنى تەستىقلىدى ، دېدى .
ئىسرائىلىيەنىڭ باياناتچىسى ئالمونى تاراتقۇلارغا جەڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇپ ، شۇ يەر ۋاقتى 22:30 ئەتراپىدا ئىسرائىلىيەنىڭ پىيادە قىسىم ، تانكا قىسىم ، ساپيور ، توپچى قىسىم ۋە ئالاھىدە قىسىمنى ئىشقا سالغانلىقى ، شۇنداقلا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا غەززەگە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى .