خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيە شەھىرىدىن بەرگەن خەۋىرى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 16-ئىيۇل بىرازىلىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى رۇسسېف، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن، ھىندىستان زۇڭتۇڭى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ۋە سۇرىنام زۇڭتۇڭى بوتېرسى، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كرىستىنا، بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس، كولۇمبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس، چىلى زۇڭتۇڭى باچېلىت، ئېكۋادور زۇڭتۇڭى كوررىيا، گىۋىيانا زۇڭتۇڭى راموتار، پاراگۋاي زۇڭتۇڭى كارتېس، پېرۇ زۇڭتۇڭى ھۇمالا، ئۇراگۋاي زۇڭتۇڭى مۇجىكا، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو قاتارلىقلار قاتناشتى.دۇ شاڭزې، يەن خۇەن خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى