- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


موسكىۋادا مېترو رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 22 ئادەم قازا قىلدى، 2 سى جۇڭگولۇق
2014.07.17 16:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇل يولۇچىلار يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدە، موسكىۋا شەھەر مېتروسىنىڭ «كۆپكۆك لېنىيەسى»نىڭ «غالىبىيەت باغچىسى»دىن «سلاۋىيان يولى» بېكىتى ئارىلىقىدىكى تونېلدا بىر مېترودىن ئۇشتۇمتۇت كاشىلا كۆرۈلۈپ، توك بېسىمى تۆۋەنلەپ، مېترو سۈرئىتى جىددىي ئاستىلاپ، 3 ۋاگون رېلىستىن چىقىپ كەتكەن. 16-ئىيۇل سەھەرگىچە ۋەقەدە ئۆلگەنلەر 22گە يەتكەن. موسكۋانىڭ شەھەر باشلىقى سوبيانىن 16-ئىيۇل موسكۋا بويىچە قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر