باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنىڭ ساۋجياپۇ ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن «15-ئىيۇل» پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى

2014.07.17 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە چىڭخەي ئايرودۇرۇمى ج خ ئىدارىسى 17-چېسلا سائەت 1 دە، ج خ ئورگىنىنىڭ 30 سائەتكە يېقىن رازۋىتكا قىلىشى ئارقىلىق، شىنىڭ ساۋجياپۇ ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن «15-ئىيۇل» پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىغانلىقى، بۇ ۋەقەنى ئىككى دانە بايراملىق پوجاڭزىنىڭ تاسادىپىي پارتلاپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، 15-چېسلا سائەت 13 لەردە، يولۇچى جاڭ X بىلەن خەن X ئايرودۇرۇم 2T بىناسىنىڭ يەر يۈزى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىكى بۇيۇملارنى تازىلىغاندا، بۇزۇلغان ئىككى دانە بايراملىق پوجاڭزىنىمۇ باشقا ئەخلەتلەرگە قوشۇپ يېقىن ئەتراپتىكى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىدا تاشلىۋەتكەن. سائەت 13 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، تازىلىقچى جۇڭX تازىلىق قىلغاندا ئۇقۇشماستىن بۇ پوجاڭزىلارنى چوغى ئۆچمىگەن تاماكا قالدۇقى بىلەن بىرگە سۈپۈرۈپ دۆۋىلىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن تۇيۇقسىز پارتلاپ كېتىپ، ئۇنىڭ سول پاقالچىقىنىڭ ئىچ تەرىپى سوقۇلۇپ جاراھەتلەنگەن. توردا تارقالغان توكلۇق ئاككۇمۇلياتور پارتلاپ كەتكەن دېگەن ئۇچۇر توغرا ئەمەس ئىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر