دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيەدە ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى كوررېئا بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى ، بىرازىلىيە ، 16-ئىيۇل تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيەدە ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى كوررېئا بىلەن كۆرۈشتى .
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور ئەنئەنىۋى دوست دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپ يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشەنچكە ، ئەۋزەل ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە . مەن ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمەن . ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى ساقلاپ، بىر-بىرنى يادرولۇق مەنپەئەتىگە زور مەسىلىلەردە داۋاملىق قوللىشى كېرەك . جۇڭگو تەرەپ ئاۋۋالقىدەكلا دۆلەتنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . پەقەت ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىقلا ئىش بولىدىكەن ، بىز ئاكتىپ تۈرتكە بولىمىز . ئېكۋاتور جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى مۇھىم ئېنېرگىيە ھەمكارلىق شېرىكى ۋە ئاساسلىق مەبلەغ سېلىشتىكى نىشانلىق دۆلەت بولۇپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ، ئۆزئارا ئېتىبار بېرىپ ، مول ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى . جۇڭگو ئېكۋاتورغا ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويماي ياردەم بېرىدۇ ، بىز ئېكۋاتورنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قوللايدۇ ، ئېكۋاتور تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ ، خەلقئارا ئىشلاردا يېقىندىن ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ .