باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

جايلار ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى قانداق سىناق قىلغان؟

2014.07.18 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلاۋە: تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىش، GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى جايلار ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتا قوللانغان ئۇسۇللاردۇر. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش مۇراجەت قىلىنغىلى كۆپ يىللار بولدى، گەرچە دۆلەت خېلى ۋاقىتقىچە يۇقىرى قاتلام پىلان لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن جايلار بەس-بەستە سىناق ئېلىپ بېرىپ، كۆپلىگەن ياخشى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەندى. گەرچە يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىدا نۇرغۇن قېلىپسىز، كەمتۈك جايلار بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشتى، شۇنداقلا بەزى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مالىيە چىقىمى تېجىلىپ، «ئاپتوموبىل چېرىكلىكى» تىزگىنلىنىپلا قالماستىن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئوبرازى ئۆستۈرۈلدى. تېخىمۇ زور ئەھمىيىتى شۇكى، جايلارنىڭ ئىسلاھات ئەمەلىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى كۆپلىگەن ئۆرنەكلەر بىلەن تەمىنلدى. «ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈچۈن يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈپ بەردى. «يېتەكچى پىكىر»دە بۇ ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە «يېتەكچى پىكىر»كە ئاساسەن ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنىڭ تەدبىر ۋە ئۇسۇللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش بۇندىن كېيىنكى تەخىرسىز ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر