باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيەت قورۇقىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى

2014.07.21 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارگېنتىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل جۇمھۇرىيەت قورۇقىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى، ئارگېنتىنانىڭ يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئارگېنتىنانىڭ دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى مونىتا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. مونىتا شى جىنپىڭغا قورۇقتا بېقىلىۋاتقان چارۋا 10مىڭغا يېقىنلىشىدۇ، نۇرغۇن ئېسىل سورتلۇق ئات ۋە كالا بېقىلىۋاتىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن چارۋىلارنى بېقىش ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارگېنتىنا دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق چوڭ دۆلىتى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە پەن تېخنىكا سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى. جۇڭگومۇ يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، جۇڭگو تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ تۇيۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەۋقەنى مەملىكەت ئىچىگە قارىتىپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا بازاردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا قاتناشتى، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تەڭشىدى. جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت تىلىدى، جۇڭگوغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. مونىتانىڭ كىچىك ئوغلى شى جىنپىڭغا: مەن جۇڭگونى ياخشى كۆرىمەن، خەنزۇچە ئۆگىنەي دەيمەن دېدى. شى جىنپىڭ: كېلەر قېتىم ئىككەيلەن كۆرۈشكەندە خەنزۇچە سۆزلىشەيلى، دېدى. خوجايىن ئېسىل دېھقانچىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئويۇن ئورۇنلاشتۇردى، ئويۇنلاردا «ئات ئۈستىدىكى دۆلەت» ئارگېنتىنانىڭ ئۆزگىچە ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى ھەمدە ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتى، جاسارىتى، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان قىياپىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. چەۋەندازلار ئىككى دۆلەتنىڭ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، بىپايان يايلاقتا ئۇچقاندەك چېپىپ، جۇڭگو ئارگېنتىنا دوستلۇقىغا مەدىھە ئوقۇدى.

  ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇمھۇرىيەت قورۇقى ئارگېنتىنانىڭ دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ۋە ئەنئەنىۋى يېزا مەدەنىيىتىنىڭ كارتىنىسى. ئىكىسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، مېنىڭ ئارگېنتىناغا بولغان چۈشىنىشىم ئاشتى. مەن ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىغە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ قايتىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر