باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ بوئېنۇس ئايرېس شەھىرىنىڭ ئاچقۇچىنى قۇبۇل قىلدى

2014.07.21 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل بۇئىنۇس ئايرېستا شەھەر باشلىقى ماكىرىنىڭ مەزكۈر شەھەرگە ۋاكالىتەن بەرگەن شەھەر ئاچقۇچىنى قۇبۇل قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەر باشلىقى ماكىرى ماڭا شەھەرنىڭ ئاچقۇچىنى بەردى، بۇ بۇئىنۇس ئايرېس بىلەن ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىغە بولغان دوستلۇق ھىسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەن بۇئىنۇس ئايرېس شەھەر ئاھالىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن. بۇئىنۇس ئايرېس شەھىرى جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى ۋە باشلامچىسى، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئىزچىل ھالدا لاتىن ئامېرىكىسى شەھەرلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جۇڭگونىڭ تاۋارلىرى بۇئىنۇس ئايرېس پورتى ئارقىلىق ئارگېنتىناغا كىرگۈزۈلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىكى يەر ئاستى پويىز ئىستانسىلىرىدا مېڭىۋاتقان «جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان» پويىزلار جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئەمەلىي ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتى كۈچنى نامايەن قىلدى. چاغانلىق بۇتخانا سەيلىسى، ئارگېنتىنا خەنزۇ تىلى ۋە ئىسپان تىلى قوش تىللىق مەكتىپى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇردى. بۇئىنۇس ئايرېس شەھىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆلكە شەھەرلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگو ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ماكىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇئىنۇس ئايرېس شەھىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈردى، زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ بۇيىنۇس ئايرېس شەھىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھىم پۈرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر