17-ئىيۇل، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. ‹‹سۈرەتلەر گېزىتى››نىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: گېرمانىيەدە 60 ياشقا كىرگەنلەر ئادەتتە چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزەتتى، بىراق زۇڭلى پەقەت ‹‹كىچىككىنە يىغىلىش›› ئۆتكۈزۈپ، ‹‹كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىلمىي كەيپىيات›› ئىچىدە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكچى بولدى.
مېركىلنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېركىلنىڭ ‹‹ئىلمىي تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى›› خىرىستىيان دىنى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابى ـــ بېرلىن ئادېنائۇر بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. تەخمىنەن 1000 دەك كىشى تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرقى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى، سابىق ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى، ئىتتىپاق پارتىيەسى پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ رەئىسلىرىمۇ بار ئىكەن.