2014-يىلى 16-ئىيۇل خەۋىرى.يېقىندا، دۇبەي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا ساراي، ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى خاس باغچا، مەدەنىيەت تىياتىرى ۋە دەم ئېلىپ داۋالاش ئارامگاھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹ دۇنيا سودا سارىيى ›› قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ دۇنيا سودا سارىيى ›› نىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 48 مىليون كۋادرات ئىنگلىزچىسى بولۇپ ، دۇنيادىكى تۇنجى تېمپېراتۇرانى كونترول قىلغىلى بولىدىغان سودا ساراي ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى خاس باغچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باغچىنىڭ تورۇسى ئەينەكتە ياسالغان بولۇپ، قىش كۈنى ئەگمەچ شەكىلدىكى تورۇس پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلىدىكەن. ‹‹ دۇنيا سودا سارىيى ›› دا 8 مىليون كۋادرات ئىنگلىزچىسى چوڭلۇقتىكى مال سېتىۋىلىش مەركىزى ، دەم ئېلىپ داۋالىنىش ئارامگاھىدىن باشقا يەنە ھەرخىل ئېھتىياجدىكى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ياتىقى بار مېھمانخانىمۇ بار ئىكەن. دۇبەي بۇ ‹‹ دۇنيا سودا سارىيى ›› قۇرۇلۇشى پۈتكەندە، ھەر يىلى 180 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن .