جۇڭگو شىنجاڭ 5–نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى 15–ئىيۇل ئۈرۈمچىدە رەسمىي باشلاندى . جۇڭگو، رۇسىيە ، قازاقستان ، گىرۇزىيە ، تۈركمەنستان ، قىرغىزىستان ، پاكىستان قاتارلىق يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر بىر يەرگە جەم بولۇپ ، شادلىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىپ ، دوستلۇق كۈيىنىڭ گۈزەل مېلودىيەسىنى ياڭراتتى .
بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمى ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، چەت ئەلدىن كەلگەن توققۇز سەنئەت ئۆمىكى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىن كەلگەن توققۇز سەنئەت ئۆمىكى نومۇر كۆرسىتىدىكەن . بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمىغا يەنە جېمىنەي ناھىيەسى ۋە قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر تاماشبىن سۈپىتىدە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ 300 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر يەنە قاراماي شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىدە ئېكىسكۇرسىيەدە بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلەشمە دوستلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ، ئىيۇل تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن .
بۇ قېتىمقى ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلاشقان . 2010-يىلدىن بۇيان ، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ ، شىنجاڭنىڭ تاشقى دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىدىكى ‹‹ داڭدار پائالىيەت ›› بولۇپ قالغان .