مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 2014-يىللى يازلىق ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ليۇ يۈنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى 15-ئىيۇل 2014-يىللىق يازلىق ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 15-ئىيۇل تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى 15-ئىيۇل 2014-يىللىق يازلىق ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى .
مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بۇ مەۋسۈمدە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان كۇرسانتلىرى 637 نەپەر . كۇرسانتلار پارتىيە مەكتىپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان مەزگىلدە ، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بولغان چۈشىنىشنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى ، مەسىلىنى تونۇشى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ، ماركىسىزمنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى ، بولۇپمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نەزەرىيە سىستېمىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش ئارقىلىق ، نەزەرىيە ساپاسى ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش ۋە پىكىر قىلىش ئارقىلىق ، بىلىمىنىڭ موللاشقانلىقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى .
جاۋ خۇڭجۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى .