خەلقئارا ‹‹ ئۈمىد ›› تەنتەربىيە مەركىزى 15-ئىيۇل ھايتىنىڭ ئائۇيرىنتسې پورتىدا قۇرۇلدى ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى Bach ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بۇ يەرگە كېلىپ ، تەنتەربىيە مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى .
بۇ تەنتەربىيە مەركىزى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ‹‹ ئۈمىد ›› تەنتەربىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2-باسقۇچلۇق تۈرى بولۇپ ، بۇ مەركەز ئىككى ئۆي ئىچى چېنىقىش مەركىزى ، 2500 تاماشىبىن سىغىدىغان بىر تەنتەربىيە سارىيى ۋە 14 تەنتەربىيە تۈرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .