باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە كەڭچىلىك قىلمايمىز»

2014.07.09 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇل مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ئالىي مەكتەپلەر تەنتەربىيەدە ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇللاش نەتىجىسىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ئوقۇش كىرىشتە كەسپىي سىناق ۋە قايتا سىناق ئېلىشنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. قايتا تەكشۈرۈشتە ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش سالاھىيىتىنى رۇيخەتكە ئالماسلىقى ياكى ئوقۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار دېلولارنى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، چېتىشلىق خادىملارنى بىرنى قويماي تەكشۈرۈشى، قىلچە كەڭچىلىك قىلماسلىقى لازىم»

  خېنەن، لياۋنىڭلاردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە تەنتەربىيەدىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن نومۇر قوشۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ لېي 8-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خېنەن، لىياۋنىڭلاردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن، بەلگىلىمىگە ئاساسەن قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق.كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇشنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە تەرتىپكە سېلىش ھەققىدىكى سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، نومۇر قوشۇش تۈرىنى ئازايتىش، قوشۇلىدىغان نومۇرنى ئازايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نومۇر قوشۇش سالاھىيىتىدە ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.ليۇ يىشېن خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر