دۇنيادىكى تۇنجى ئۇچار موتسىكلىت سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ موتسىكلىت 10 مىنۇت ئىچىدە ئايروپىلانغا ئۆزگىرىدىكەن، سېتىلىش باھاسى 295 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 1 مىليون 830 مىڭ يۈەن) ئىكەن.
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 13 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 50 يىل بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ كارتون فىلىمى ‹‹جېتسون ئائىلىسى›› دە ئۇچار ئاپتوموبىلنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە گوللاندىيە تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۇنيادىكى تۇنجى ئۇچار موتسىكلىت رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان، موتسىكلىت پەقەت 10 مىنۇت ئىچىدە موتسىكلىتتىن قاناتلىق ئايروپىلانغا ئۆزگىرەلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇچار موتسىكلىتقا ‹‹Pal-V One›› دەپ نام قويۇلغان، لېكىن بۇ موتسىكلىتنى ھەيدەشتە چوقۇم پىراۋا ۋە ئۇچقۇچىلىق كىنىشكىسى بولۇشى شەرت ئىكەن.
Pal-V One نىڭ يەر يۈزىدىكى سائەتلىك تېزلىكى 180 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. قاناتلىق ئايروپىلانغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن 1219 مېتىر ئېگىزلىككە ئۇچالايدىكەن، لېكىن 165 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇچۇش يولى بولۇشى كېرەك ئىكەن. موتسىكلىت ھالىتىدە Pal-V One نىڭ ئىقتىدارى ئادەتتىكى موتسىكلىت بىلەن مۇسابىقە موتسىكلىتى ئوتتۇرىسىدا ئىكەن.