ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدىكى بىر ھامىلىدار ئايالنى چاقماق سوقۇۋەتكەندىن كېيىن ھايات قالغان، ھەمدە بالىسىنىمۇ ئوڭۇشلۇق يەڭگىگەن. لېكىن بۇ بۇۋاق تۇغۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىنمۇ چېچىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا تىك تۇرغان، قارىماققا ‹‹زەرەتلىنىۋاتقان›› دەك كۆرۈنىدىكەن.
دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، توك ئېقىمى ھامىلىدار ئايالنىڭ قۇلىقىدىن بەدىنىگە ئېقىپ كىرگەن، ئاندىن باش بارمىقىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇڭا قورساقتىكى بوۋاق ساق قالغان. لېكىن بۇ چاقماق سەۋەبلىك بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە قىسمەن ھەرىكەت ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغان، بوۋاق بىر ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن نورمال تاماق يېيەلمەيدىكەن، ئۆمىلەشنىمۇ بىلمەيدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت چاقماق بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئادەتتىكى كىشىلەرنى سىرتلاردا چاقماق سوقۇۋېتىش نىسبىتى 280 مىڭدىن بىردىن كىچىك بولىدىكەن، ھامىلىدار ئاياللارنى چاقماق سوقۇش نىسبىتى تېخىمۇ كىچىك ئىكەن، بۇلتۇر ئامېرىكىدا 11 ھامىلىدار ئايالنى توك سۇقۇۋەتكەن بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ھامىلىسى ساقلاپ قېلىنمىغان، 80% تىن كۆپرەك ھامىلىدە سالامەتلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەن.