ئۇيغۇر قىزى دىلخۇمار ئابلەت 11-ئىيۇل دېڭىز ئارمىيەسى داليەن ھەربىي پاراخوت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئايال ئوفىتسېر بولۇپ قالدى.
دىلخۇمار-دېڭىز ئارمىيەسى شىنجاڭدىن قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قىز ماتروس شۇنداقلا ئىستۇدېنت ماتروس بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋىياماتكىنى سەپكە كىرگۈزۈش، سۇپىدا يۈرۈش مەشىقى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، مۇنەۋۋەر ئەسكەر بولۇپ باھالانغان. 2013-يىلى ئۇ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن قاتتىق تاللاش ۋە ئىمتىھان ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنت ئەسكەر سۈپىتىدە ئۆستۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسى داليەن ھەربىي پاراخوت ئىنستىتۇتىنىڭ بىر يىللىق رادار كەسپىي كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇشقا باشلىغان.