باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسى قۇرۇلدى(1)

2015.02.12 09:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلار مارتتا WCBA تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ مۇخبىرلىرىمىز جىڭ بو، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسى يېقىندا رەسمىي قۇرۇلدى، ھازىر كوماندىدىكى 15 ئەزا بېيجىڭ ۋاقىتلىق مەشىق بازىسىدا مارتنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانWCBA (جۇڭگو قىزلار ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى)تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

  «كوماندىمىزدىكىلەرنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.85 مېتىر، ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش، بىز ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، يوشۇرۇن كۈچى زور كوماندا»، دېدى شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى چيۇ سىيۆ. ئۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى بولۇپ، كوماندا ئەزالىرى ما زېڭيۈ، جاڭ شياۋنىمۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزالىرى ئىكەن، ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئەزالار مول مۇسابىقە تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن.

  «بۇلتۇر 15-دېكابىر تۇنجى تۈركۈمدىكى كوماندا ئەزالىرى تىزىملىتىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، بۇ يىل 2-فېۋرال ئەڭ ئاخىرقى ئەزا يىتىپ كەلگىچە بولغان 40 نەچچە كۈندە مۇشۇنداق بىر كوماندىنى قۇرۇش ئاسان ئەمەس»، دېدى تېرېنېر سۈن يۇڭچيەن.

  2014- يىلى ئاۋغۇستتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭ قىزلار ۋاسكىتبول كەسپىي كوماندىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭ قىزلار ۋاسكىتبول كەسپىي كۇلۇبى قۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدى. بۇلتۇر 15-نويابىر كۇلۇب قۇرۇلۇپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتى تاماملاندى؛ 30-نويابىر جۇڭگو ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەستىقلىتىش خىزمىتى تاماملاندى.

  ئىگىلىشىمىزچە، ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە، WCBAدا ئاران 17 كوماندا بار ئىكەن، بۇ يىل شىنجاڭ، شەنشى، تيەنجىن كوماندىسىدىن ئىبارەت ئۈچ كوماندا يېڭىدىن قوشۇلۇپ، كوماندا سانى 20گە يەتكەن. WCBA نىڭ 2016-2015 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، مۇسابىقە تۈزۈمى تەڭشەلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن 20 كوماندا مارتنىڭ ئاخىرىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن، ئالدىنقى 12 كوماندا قاتارىغا كىرگەنلەر يىل ئاخىرىدىكى جۇڭگو قىزلار ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ 10-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقىتلىق مەشىق بازىسىدا، قىزلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسى ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتتىن، ھېرىش-چارچاشتىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئېلىشىدىغان كوماندا ئىستىلىنى ھازىرلىدى، ئۇلارنىڭ بۇ روھى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

  لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ۋاسكىتبول قىزلار كوماندىسىنى قايتا قۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەنتەربىيەنىڭ دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش، ساغلام، ئىنتىلىشچان تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت، كوماندا ئەزالىرىنىڭ كېلەر قېتىمقى مۇسابىقىدە كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن شىنجاڭ قىزلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئوخشاشلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يارقىن سىموۋولغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر