باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىشقا تىرىشتى

2015.02.12 09:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-فېۋرال تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ پىڭ 10-فېۋرال مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇلتۇر ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە جۇڭگوغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلالمايدىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۈلگە تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  خۇاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇقرالىرى ھازىر ئادەتتىكى پاسپورتقا تايىنىپ 60قا يېقىن دۆلەتكە بارالايدۇ، بۇلار ئۆز ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن ۋىزا كېلىشىمى ئىمزالىغان بەش دۆلەت، ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىغا يەككە تەرەپ قونۇش ۋىزىسى بېرىدىغان 37 دۆلەت ۋە رايون، ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىغا يەككە تەرەپتىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغان 11 رايون ۋە دۆلەت، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ۋىزىسى بىلەن بارىدىغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەممىسىنى قوشقاندا 50تىن ئاشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر